پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2021-01-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، يەتتە نەپەر ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، كەسىپ مەسئۇل تارماقلىرى پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ شۇجىلىرى خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى باھا بەردى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ مائارىپ سىستېمىسىنى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاپ روھنى تاۋلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئالىي مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ ئالدىدا مېڭىش» قۇرۇلۇشى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسپىي مەكتەپلەر، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى چوڭقۇر، ئەتراپلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى ياخشى قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ تەرەققىياتى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلام، بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتلىرى، ھەرقايسى كەسىپ مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئۆز ۋەزىپىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىق ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغانلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتالماسلىق لاياقەتسىزلىك» دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشى، ئاساسىي قاتلامغا ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.