ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسى سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ

2021-01-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشى شىنخەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسى سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ.

بۇ سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساس نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش؛ زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە تىرەك سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش؛ 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 - كەسىپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش؛ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش؛ بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش.

2020 - يىلى، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسى يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاساس سېلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، ئاممىنىڭ «ئاشلىق» «كۆك - تاق»ىغا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كاپالەتلىك قىلدى، تۈرلەرنى تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى، مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى، سىياسىي ئورگان قۇرۇلۇشىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىلدىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بىرقەدەر ياخشى تاماملىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى.