ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى (2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى)

2021-01-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ

ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

(2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى)

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز يولۇققان تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى. تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى تېز باشلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىغا، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشىغا، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىن سىگنال بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرى ۋە «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا بايقاپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، ۋىرۇس تارقىلىدىغان خەتەرلىك جەرياننى كۈچلۈك ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرلىك ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن دائىملىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور جېڭىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر مەيدان مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي چوڭ سىناقنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇردى، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتتى، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر تولۇق قوراللىنىپ قارشى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى سادىقلىق بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى، كەنت، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ھېرىپ-چارچاشتىن باش تارتمىدى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكتى، پىدائىيلار ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، پايدا-زىيان بىلەن ھېسابلاشمىدى، ھەر مىللەت ئامما چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرى ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىق − كۈچ دەيدىغان ئۇلۇغ دەۋر يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ ئىشەنچى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇڭ چاۋ قاتارلىق 900 يولداشقا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس» دەپ نام بېرىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەركىزى قاتارلىق 299 كوللېكتىپقا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىشىنى، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھازىر، يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، ئاغرىق مىساللىرى ئاندا-ساندا تارقىلىش ۋە قىسمەن دائىرىدە يۇقۇم پارتلاش خەۋپ - خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، قىلچە بوشاشماي، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشى كېرەك.