بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى%20.5 ئاشتى

2021-02-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىما يىنىڭخەۋەر قىلىدۇ: بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز سانائىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %20.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭكىدىن 13.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

شىنجاڭ لەيسىتې ئوراش - قاچىلاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى تۇنجى پولى كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى ساپلىقتىكى پاكىز ئوراش - قاچىلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى فوتوۋولت يۈرۈشلۈك كەسىپ زەنجىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. چاغان مەزگىلىدە، بۇ شىركەت يەنىلا ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتتى. «بۇلتۇر 5 - ئايدا شىركىتىمىز ئىقتىدارنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. نۆۋەتتە، شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئىستىقبالى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1500 توننىغا يېتىدۇ، يەنە ئىككى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلىپ، كەسىپ بوشلۇقىنى داۋاملىق تولدۇرىمىز.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كارخانىمىز ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامباردا ساقلاش قاتارلىق پۈتۈن يۈرۈشلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشىنى قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق كەسپى زور ھەجىمدە ئېشىپ، پولى كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىدى. توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاليومىن ماتېرىياللىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق كەسىپ - تېخنىكا ۋە كۆلەم جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى بىر تۈركۈم تۈرلەرنى، جۈملىدىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكنى پېچەتلەپ ئۆلچەش، پولى فورمالدېھىد، بىيو رادىكاللىق يېڭى ماتېرىيال، PET ئالاھىدە يوپۇق قاتارلىق تۈرلەرنى پۈتتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشتا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر داۋاملىق ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون سانائىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 15 پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن يۇقىرى بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پەن - تېخنىكا سۈپەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېن جيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ كۆلىمىنى سىجىل زورايتىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش، بىيو تېببىي دورىگەرلىكى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، كەسىپلەرنىڭ ئىككىلەمچى كەسىپلەرگە ئۇزارتىلىشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىشىنى يۆلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئۈچۈن يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرىدۇ.