ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 115- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2021-02-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 115- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى 23- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاۋ جىيۈنخەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 115 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تولۇقلاپ سايلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ.