ئوقۇش باشلاشنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021-02-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇش باشلاش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلدى

ئوقۇش باشلاشنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلياڭ لىخۇاخەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇش باشلاش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلىپ، ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇش باشلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تەشكىللەشنى ھازىرقى مائارىپ سىستېمىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىش، ئەتىياز پەسلىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇش باشلاشنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشتە، مەكتەپتە «يۇقۇملانغانلار بولماسلىق» نىشانىدا، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى مەكتەپكىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىشلارغىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپكە قايتىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قايتىشقا مۇۋاپىق، تەرتىپلىك تەشكىللەش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، دەللىكى، ئىلمىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوقۇتۇش ۋە دەرس پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش، تەرتىپلىك يولغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، بازا ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.