رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP) بىلەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى مۇنبىرى ئېچىلدى

2022-09-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىچېن چياڭۋېي، ۋاڭ يايۈنخەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP) بىلەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى مۇنبىرى ئېچىلدى، مۇنبەر «تور + تور سىرتى» شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، RCEPغا ئەزا دۆلەتلەر ھەم «رىب بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 26 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 300دىن كۆپرەك ئەزىز مېھمان ھەم كارخانا ۋەكىللىرى توردا كۆرگەزمىگە قاتناشتى، بۇ، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ بولغان مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ.

مۇنبەرنى سودا مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، باش تېمىسى «RCEP يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش». بۇ قېتىمقى مۇنبەردە RCEP پايدىسىنى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ غەربىي يولىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا سۆھبەت ۋەكىلى، قوشۇمچە مۇئاۋىن مىنىستىر ۋاڭ شوۋۋېن، فىلىپپىن دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بالىساكان قاتارلىق ئالتە ئەزىز مېھمان تەبرىك سۆزى قىلدى.

ۋاڭ شوۋۋېن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى بولۇپ، RCEPغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن قويۇق ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىنى ساقلاپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىدا كۈنسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ RCEPنى باش تېما قىلىپ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى ئۆتكۈزگەنلىكى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ RCEP كېلىشىمى ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چوڭقۇر سىڭىشىشىنى قوللاشقا پايدىلىق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، RCEP پايدىسىنىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان» ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىغىمۇ پايدىلىق.

بالىساكان تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. كۆرگەزمە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاسىيا ـ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئورناتتى ھەم كۈچەيتتى، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتتى. 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىر مۇھىم سۇپا بولۇپ، فىلىپپىننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يولىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى ۋۇ ۋېي، جۇڭگونىڭ تايلاندتىكى باش ئەلچىخانىسى ئىقتىساد ـ سودا باشقارمىسىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋاڭ لىپىڭ، ھىندونېزىيە جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش رەئىسى جاڭ جىنشيۇڭ قاتارلىق سەككىز ئەزىز مېھمان شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە «RCEP +قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى»نىڭ گىرەلەشمە ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا بەرگەن ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، «قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان» سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش توغرىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

بۇ قېتىمقى مۇنبەردە، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 50 نەچچە كارخانا ۋە سودا جەمئىيىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولى قۇرۇقلۇق پورتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى جۇڭگو ـ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتى بىلەن «جۇڭگو ـ نېپال سودا قۇرۇقلۇق يولى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇددىئانامە»نى ئىمزالىدى.

سۈن خۇڭمېي مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى، لى جېنگو قاتناشتى.