2022 جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان كارخانىچىلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2022-09-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

رېن خۇڭبىن، ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزى قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم مۇنبەر پائالىيىتى بولغان 2022 جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان كارخانىچىلار مۇنبىرى تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەر «ھەمكارلىقنى ئورتاق كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»نى باش تېما قىلدى، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى، سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىرى ھەم كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇردى، بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى. جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى رېن خۇڭبىن سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

رېن خۇڭبىن تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىقتىساد ـ سودا تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھە زاتلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى تەرەپ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالدىن سىناق قىلىپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكىلەر داۋاملىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشى كېرەك. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، بايلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، سىياسەت ئەۋزەللىكى روشەن. جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى جۇڭگو شىنجاڭ ۋە قازاقىستان تەرەپ سودا ـ سانائەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچىنى قوشىدۇ.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاسىيا ـ ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان كارخانىچىلار مۇنبىرى بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇقەررەر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، قازاقىستان بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا كەڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ دىققەتنى توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنا ـ ئۈسكۈنە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، سەھىيە ـ ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قازاقىستان ئاساسلىق مېھمان دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە كەڭ دائىرىلىك قاتناشتى، بىز يىپەك يولى روھىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، نەتىجە مول بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش شىنجاڭنى تېز سۈرئەتتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە ئاسىيا ـ ياۋروپا ئىقتىساد ـ سودا ئالاقە تۈگۈنىگە ئايلاندۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاندىكى كارخانىچىلارنىڭ جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ۋە بۇ قېتىمقى مۇنبەردىن ئىبارەت مۇھىم سۇپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى كېنجەقۇلۇف تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ مەبلەغ سېلىش، سودا، پەن ـ تېخنىكا، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە ئالاقىنى پائال راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، يېشىل تېخنىكا، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى سىجىل كېڭەيتىشى كېرەك.

قازاقىستان دۆلەت كارخانىچىلار، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى باتالوف، قازاق مەبلەغ سېلىش دۆلەتلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى يۇسۇپوف، سامرۇق ـ قازىنا دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، باش دىرېكتورى جانئادىل ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سىنلىق سۆز قىلدى.

مۇنبەر مەزگىلىدە، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ياۋروپا گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ۋەكىللىرى، قازاقىستان ۋە جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار مۇنبەرنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى قازاق مەبلەغ سېلىش دۆلەتلىك شىركىتى بىلەن چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى؛ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار كارخانىلىرى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ يېشىل كانچىلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، رەقەملىك ئۇچۇر، يېزا ئىگىلىكى، باغ ـ ئورمانچىلىق قاتارلىق خاس ئەۋزەل ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، تۈر سوممىسى جەمئىي 470 مىليون دوللارغا يېتىدۇ.

جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن جاڭ شېنفېڭ، يۈ جيەنلۇڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، خا زېڭيوۋ، قازاقىستان ـ جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى قىسمەن ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانىلارنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئالاقىدار دۆلەت ئاپپاراتلىرى، سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، قازاقىستان كارخانىچىلار جەمئىيىتى ۋە ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سىن ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى.