​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2022-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى​

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى​

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى​

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم ئىمزالىق ماقالىلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتى، پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە ئىلھام بېرىش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەلەپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىغا تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشتى. بىز شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ زىيارەت مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم ئىمزالىق ماقالىلىرىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ھەقىقىي تۈردە كۆرگەزمىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈش، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىنچلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، قاپلاش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، تەرەققىياتنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە مۇقىملىقىغا دائىر خەلقئارا مۇنبەرگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تۈرلۈك كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار قاتارلىقلارغا بولغان بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق تونۇش ۋە كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس فوندى قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى باشقۇرۇش، نەتىجىلەرنى مۇكاپاتلاش، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۈلگىسى . دەۋر يېڭى كىشىلىرى»نى تاللاش، تەشۋىق قىلىش، ئېلان قىلىشقا ئالاقىدار لايىھە مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق، ئىنچىكە تاللاپ ئېلان قىلىپ، ئەتراپتىكى ئۈلگىلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش تەكىتلەندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، ئۇنى بىردەممۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك؛ خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، كۆمۈركان، يول قاتنىشى، ئوت ئۆچۈرۈش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، كارخانا باغچە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ - ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تور يېيىش شەكلىدىكى تولۇق قاپلىغان بىخەتەرلىك بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېغىر، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.