2022 ـ يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى تەرەققىيات باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2022-09-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز تەبرىك سۆزى قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش» باش تېما قىلىنغان 2022 ـ يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى تەرەققىيات باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودىنىڭ راۋانلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. ھازىر، شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدىكى مۇھىم ئورنى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە، «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا ـ ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت»نىڭ ئېچىۋېتىش تۈگۈنى بولۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىككى رايون»نىڭ ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مويىن خاك سىنلىق شەكىلدە تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى، رايون ئورنى شارائىتى، مول بايلىقى ۋە بىرقەدەر تېز تەرەققىيات سۈرئىتى ئۇنى رايون تەرەققىياتىدىكى تۈرتكۈچكە ئايلاندۇردى. جۇڭگونىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھىمايە قىلغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاكىستان يىپەك يولى روھىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ كارخانىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ پاكىستاننى مەبلەغ سېلىشتىكى مېھىرلىك تۇپراق دەپ قاراپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق ئاتلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ داشۆ يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لىن يىفۇ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىي قىلىشى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. لىن يىفۇ مەۋقەنى خەلقئارا نەزەر دائىرىگە قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە پۇرسىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بېيجىڭ داشۆنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى فەن گاڭ، چىڭخۇا داشۆ ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنى فرىمان ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق پىروفېسسور لى داۋكۇي، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىڭ گۇاڭچېڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋاڭ جۈن، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى دېڭ مىڭجياڭ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى دىڭ شوۋچىڭ قاتارلىق دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلىدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر رايون ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى قايتا يارىتىش، خاس كەسىپلەرنى تەھلىل قىلىش، رايونلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، غەربىي شىمالدىكى «سۇ ئۈچ لىنىيەسى» بوشلۇق ئەندىزىسى بىلەن رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

چېن ۋېيجۈن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. خا زېڭيوۋ قاتارلىقلار مۇنبەرگە قاتناشتى.