7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى پۇل مۇئامىلە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2022-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ يۇڭفېي، كاڭ خاۋيەنخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى پۇل مۇئامىلە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى جاڭ چىڭسۇڭ، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جيەنجۈن، جۇڭگو بانكا - سۇغۇرتا نازارەتچىلىك - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى ۋاڭ چاۋدى تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلزات ئەخمەتجان تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلىدى.

ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ، مىسلىسىز مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونىمىز مەۋقەنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىغا قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، «شىنجاڭغا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى جەلپ قىلىپ كىرگۈزۈش»كە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭدا تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە، تىپىنى ئۆزگەرتكەن پۇل مۇئامىلە، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە يېتەكلەيدۇ.

مۇنبەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، مۇنبەردە ئېچىلىش مۇراسىمى، باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلەش، يۇمىلاق ئۈستەل مۇنبىرى، نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش ۋە خۇلاسىلەش، رەھمەت ئېيتىشتىن ئىبارەت تۆت ھالقا تەسىس قىلىنغان. مۇنبەرگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار «بانكا سۇغۇرتا كەسپى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش» ۋە «يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كاپىتال كۈچىنى قوشۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ليۇ ۋېي باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلىدى.