ئەركىن تۇنىياز ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى پورتۇگال، ئىنگلىز تىل - يېزىقىدىكى تاراتقۇلار مەسئۇللىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2022-09-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى پورتۇگال، ئىنگلىز تىل - يېزىقىدىكى تاراتقۇلار مەسئۇللىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى قەلەم ۋە كامېرا ئارقىلىق خاتىرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بەھرىلەندۈرۈپ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاۋمېن پوچتا گېزىتىنىڭ گېزىتخانا باشلىقى شيا لىشيەن قاتارلىقلار مۇنداق بىلدۈردى: ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك، رەڭدار، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى سىياسەتۋازلار ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئىنتايىن بىمەنە، ئامېرىكا ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ساختا خەۋەرلىرى بۇ يەردە ئۆز - ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ. بىز ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى ساھەلەر، پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ھەم خەلقئارا جەمئىيەتكە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز.

چېن ۋېيجۈن، نۇرۇم ئىسمايىلقان قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.