7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2022-09-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

300دىن كۆپرەك تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى

ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزى قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى



9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش − سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش − سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 300دىن كۆپرەكى ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ تۈرلەر شىنجاڭنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېشىل خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر، رەقەملىك ئۇچۇر، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ياردەم قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ھەرقايسى كارخانىچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قۇدرەتلىك ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتكە توغرا كەلدى، بىز بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەش، تەرەققىي قىلىش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تولۇق دەۋرىيلىك، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈرلۈك كارخانىلار ھەم جەمئىيەتتىكى زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، كېڭىشىپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار كېلىشىم تۈزگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى مۇجەسسەملەپ سودىگەر جەلپ قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى بويىچە سودىگەر چاقىرىدىغان، پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت قىلىپ سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، پائال تۈردە تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى ئەلا سۇپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ جياڭنا گۇرۇھى، خېنەن ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى كېلىشىم ئىمزالىغان كارخانىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەر ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ كارخانىلارنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، زورايتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.