يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خەلقئارا مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2022-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى

ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، «ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايوننىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خەلقئارا مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق، ئىقتىسادى ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىق ھەمراھلار. «ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىساد چەمبىرىكى»نى ئورتاق قۇرۇشقا بولغان ئورتاق تونۇشنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى كېڭەيدى، چوڭقۇرلاشتى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تېخىمۇ قولايلاشتى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىق ئاساسىدىكى تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشتى، شۇنداقلا ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن گۈزەل پىلان تۈزۈپ بەردى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكلىپ بەردى: رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى داۋاملىق چۆرىدەپ، ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ئەندىزىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايوننىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خولخورجىن سىنلىق سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايون دائىرىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرا رايونلىرى ئىزچىل مۇناسىۋىتى قويۇق قوشنىلار، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رايون ئىچىدىكى ئىقتىساد - سودا ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىشنى خالايدۇ.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالتاي چېگرا رايونىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى تومىنكى سىنلىق سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئالتاي چېگرا رايونىنىڭ قازاقىستان، جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە دۆلىتى بىلەن بولغان سودا سوممىسى بۇ رايوننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىدى. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

قازاقىستان شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى ئەھمەتوف سىنلىق سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئىستىقباللىق تۈرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايوندىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ.

موڭغۇلىيە دۆلىتى خوبدۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ئېنكىبات . بۇلېرما سىنلىق سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: خوبدۇ ئۆلكىسى جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى ھەم ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايوندىكى مۇھىم خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىغا ئايلاندى، رايون ئىچىدىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

موڭغۇلىيە دۆلىتى بايانئۆلگە ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى بورجان . دالىل سىنلىق سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سەنئەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

«بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز − ئالتاي» خەلقئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى لالىن سىنلىق سۆزىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ئۆتۈش ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئالتاي تېغى ئەتراپىدىكى ئىككىلەمچى رايوننىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

مۇنبەردە تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

جارۇللا ھېسامىدىن مۇنبەرگە قاتناشتى.