يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى ۋە 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاكادېمىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئېچىلدى

2022-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىسۇ لۇپىڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى ۋە 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاكادېمىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئېچىلدى، مۇنبەر تور + تور سىرتى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئانار بۇلۇت ۋە ساغلاملىق ساھەسى سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، توردا 120 مىڭدىن كۆپرەك كىشى مۇنبەرنى كۆردى.

تور سىرتىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇنبەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشى نىشانىنى چۆرىدەپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ نۇقتىدىن يۇقۇمغا دائىر دائىملاشقان سەھىيە - ساغلاملىق بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرى ھەمكارلىقىنىڭ چوڭ پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىش، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مەقسەت قىلىنغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گالا، ئارگېنتىنانىڭ سەھىيە مىنىستىرى كارلا ۋىزوتى قاتارلىق تۆت ئەزىز مېھمان تەبرىك سۆزى قىلدى.

گالا تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى «ساغلام يىپەك يولى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسى. «ساغلام يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى جەھەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن جۇڭگو مۇستەھكەم ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بارلىق كىشىلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ئەڭ يۇقىرى ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشنى خالايدۇ.

كارلا ۋىزوتى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگو بىرىنچى ۋاقىتتا بىر - بىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى ھەم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئاددىي ھالدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەنپەئەتنى كۆزلەش ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى سىجىل قويۇقلاشتۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خۇ جىچۈن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دوختۇرخانىلار ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو تەرەپ نۆۋەتچى رەئىسى، جۇڭگو دوختۇرخانىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ دوختۇرخانىلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋېن خاۋ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، فۇدەن داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى فەن جيا قاتارلىق بەش ئەزىز مېھمان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

سۈن خۇڭمېي قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.