ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 177 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2022-09-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 177 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ھەم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىگە دائىر سىياسەت - تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ھەم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىگە دائىر سىياسەت - تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش شىنجاڭ ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ خام ئەشيا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاختىنىڭ ئۆز جايىدا ئايلىنىش نىسبىتى ۋە ئۇنىۋېرسال تۆھپە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسەت ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پاختا ھەم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دۆلەت ئىچى - سىرتى بازارلىرىدىكى ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا ھەم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا ھەم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ «بىرىنچى بايلىق»نى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت سېلىنمىسى، تۈرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، مۇھىم ئامىل تىرىكى قاتارلىق جەھەتلەردە بايلىقنى توپلاپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش، پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، كارخانىلارغا ياردەم بېرىدىغان، كارخانىلارنى تۇراقلاشتۇرىدىغان، كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى قاراتمىلىق تەتقىق قىلىش ۋە ئېلان قىلىش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش، جەمئىيەت كەڭ كۆلەمدە دىققەت قىلىۋاتقان، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ھەل قىلىپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.