7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىۋېتىلگەن بىڭتۇەن باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2022-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​نەق مەيداندا 33 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىمېھرىگۈل غوپۇرخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىۋېتىلگەن بىڭتۇەن باش تېما پائالىيىتى تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى سودا مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

لى يىفېي ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى، بىڭتۇەن ۋە كەڭ ئىشچى - خىزمەتچى، ئاممىغا ۋاكالىتەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر ساھەدىكى دوستلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى، يىپەك يولىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى ئورتاق يارىتىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىڭتۇەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، يىپەك يولى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك بولغان سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەزىز مېھمانلارنى بىڭتۇەنگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈشتە بولۇشقا، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز، كەڭ كارخانىچىلارنىڭ بىڭتۇەنگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلىشىنى قارشى ئالىمىز، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ بىڭتۇەنگە كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىپ، ئولتۇراقلىشىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، گۈللىنىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.

بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېرۋياكوۋ ئالېكساندر ۋىكتوروۋىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا بىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بار، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە ھەمكارلىق سەۋىيەسى يىلدىن - يىلغا مۇقىم ئېشىۋاتىدۇ، ھاياتىي كۈچى چەكسىز، ئىشىنىمىزكى، بىز بىرلىكتە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد كېشاۋارزىزادە مۇنداق دېدى: ئىران جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تەشەببۇسى ئىمزالىدى، ئىران جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدەك جۇڭگو بىلەن بولغان سودا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان بۇنداق پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدۇ، پۇرسەت بولسىلا شىنجاڭ بىڭتۇەنگە كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

قىرغىزىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى نۇركىن ئەلشىروف مۇنداق بىلدۈردى: قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەردە كۆپ يىللىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىش تەجرىبىسى بار، بىز بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللايمىز.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى لياڭ جىرېن مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق، شياڭگاڭ ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، ساياھەت - مەدەنىيەت، ياشلار ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى، شياڭگاڭ ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

باش تېما پائالىيىتىدە يەنە سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش، تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەزگىلدە جەمئىي 16 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 33 مىليارد 300 مىليون يۈەن.

چېن ۋېيجۈن قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى، شۆ بىن قاتناشتى، خا زېڭيوۋ باش تېمىلىق پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.