ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

2022-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يۈنمېيخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 60 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى، تەكلىپ قىلىش دائىرىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش»نى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللايدۇ.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي تەلەپنى ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلى، يىغىن سۈپەت ئۆتكىلى، مۇلازىمەت كاپالىتى ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە تەقسىملەپ، مەسئۇلىيەت - ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، 12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇنەۋۋەر تەكلىپلىرى ۋە ئىلغار بېجىرگۈچى ئورۇنلار، ئىلغار بېجىرگۈچى شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جيارۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى؛ مۇئاۋىن رەئىسلەردىن دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.