2022 ـ يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى باشلاندى

2022-09-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشيې خۇيبيەنخەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2022 ـ يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكا سارىيىدا باشلاندى. پائالىيەت مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر تور ۋە تور سىرتى شەكلى ئارقىلىق 1000 تۈرگە يېقىن پائالىيەتنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دېڭ مىڭجياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «20 ـ قۇرۇلتاينى خۇشال كۈتۈۋالايلى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرەيلى». پائالىيەت مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىلىم ـ پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ؛ دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىدۇ؛ مەۋقەنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇش قاتارلىق مەزمۇنلارغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنى يۇقىرى ـ تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشكە تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، «1+X+N» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بازار ماس ئالغا سىلجىتىدىغان ئىجتىمائىيلاشقان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، يېزا ـ كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىنى ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، ئىلىم ـ پەن ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا ۋە يولغا ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش مۇنبەت تۇپرىقى ھازىرلايدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 16 ئورۇن بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا، 2021 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى ۋەكىللىرىگە ۋىۋىسكا بېرىلدى. «100 ئىلمىي جەمئىيەت، 10 مىڭ كىشى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرىگە يولغا چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن بايراق بېرىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقانلار يەنە ئالەم بوشلۇقىدا سورت يېتىشتۈرۈش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.