ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2022-11-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى

​«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى



11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىن باش تېمىسى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسى پۈتۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز چوقۇم پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئىگىلەش، كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىكى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش. «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجە، پارتىيەنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىش تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەنلىكىدىن بولدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مۇھىم بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى پائال بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. يىغىندا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى چىڭ كۆزلىنىپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاشنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» «سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپ، ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، جانلىق ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بەشىنچى، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ قوشۇن»نى ياخشى قۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈش، سۆزلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يەتتىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سەككىزىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. توققۇزىنچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى ۋە سىستېمىلىق توپلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئونىنچى، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان سۇ بايلىقى جەھەتتىكى بوغما ھالەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش جەھەتتىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار ۋە سۇ بايلىقىنى تەڭشەش - ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئون بىرىنچى، شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلاش كېرەك. خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. ئون ئىككىنچى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى كۈچەيتىش جەريانىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئون ئۈچىنچى، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ئون تۆتىنچى، دىققەتنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئون بەشىنچى، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش بىلەن فۇنكسىيەسىنى سەپلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئون ئالتىنچى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدىغان، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئون يەتتىنچى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «يولغا قويۇش پىكرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. ھازىرقى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، يوقىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 77 ئەزاسى، 13 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار؛ ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن قىسمەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان قىسمەن باش ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، تۇەن، مەيدانلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.