​بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2022-11-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاڭ چۇنلىن خوتەن ۋىلايىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن خوتەن ۋىلايىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.

11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ، جاڭ چۇنلىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە(شەھەر)لەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خېسۇەن تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەسپىي تېخنىك خادىملار ۋە ئۈسكۈنىلەر يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈردى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى چالباش كەنتى قاتارلىق 15 كەنت ۋە مەھەللىدە مۇسبەت چىققان ئاغرىقلارنى يۆتكەش، خېسۇەن تەكشۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش ۋە سېتىش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى، يولۇچى توشۇش بېكىتى، نان كەسىپلەر باغچىسى ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش نۇقتىلىرىدا يۇقۇم مەزگىلىدىكى سۇ، توك، پار، گاز ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتىن ئىبارەت «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىسمەن دائىرىلىك تارقاق يۇقۇمنى كەسكىن، كۈچلۈك، ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھامىلىدارلار، جىددىي، ئېغىر ئاغرىقلار، ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئېھتىياجىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى، كۈچ قوشۇشى توغرىسىدا تەشۋىق قىلىپ، سەپەرۋەرلىك قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شەخسىي مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى چۈشىنىشكە، قوللاشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان، ھەممە ئادەم قوللايدىغان، يۇقۇمغا بىر نىيەتتە تاقابىل تۇرىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.