ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىناۋەتلىك كاپالەت فوندىنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى

2022-11-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

فوند كۆلىمى بەش يىلدا %12 ئېشىپ، قەرز پۇل كۆلىمىنىڭ %38 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىناۋەتلىك كاپالەت فوندى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىدە مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋېتىپتۇ. فوند تەسىس قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيان، كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئەڭ يۇقىرى چوققا قىممىتى 836 مىليون يۈەنگە، ئېشىش نىسبىتى %12كە يېتىپ، بانكا قەرز پۇل كۆلىمىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان، بانكا قەرز پۇل كۆلىمى تەسىس قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 4 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن بۇ يىل 6 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %38كە يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش قەرز پۇل مەبلىغى ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي سېتىۋېلىش - ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشلاپ، بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلغان بۇغداي سېتىۋېلىش - ساقلاش يېڭى مېخانىزمى ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇلى بولۇش»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي سېتىۋېلىش مىقدارى، سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسى، قەرز پۇلنى كۆپەيتىش ھەسسە سانى، سېتىۋېلىش مەبلىغى ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، لايىھەدىكى كۆلىمى 800 مىليون يۈەن بولغان ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىناۋەتلىك كاپالەت فوندى تەسىس قىلىشقا تەييارلىق قىلدى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 8 مىليارد يۈەن كىرېدىت مەبلىغىنى قوزغىتىپ، ئىناۋەت دەرىجىسى تۆۋەن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بۇغداينى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەبلەغ ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرىدىغان كىرېدىت مەبلىغى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى.

كاپالەت فوندى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 123 ئاشلىق كارخانىسىنى جەمئىي 27 مىليارد يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، 12 مىليون 800 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىشقا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمنى 3 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇلى بولۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىقنى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش - ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ زور چەكتە قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فوندتىن ئۆسۈم ياردىمى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار ياكى يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن بۇغداي تېرىش توختامى ئىمزالىغان ھەم توختام بويىچە سېتىۋېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان قەرز پۇل ئالغان كارخانىلارنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلىغا %50لىك، ئەڭ ئۇزاق مۇددىتى ئالتە ئايلىق ئۆسۈم ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش قەرز پۇلى مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنى ئاشلىقنى ياخشى سېتىۋېلىشقا، دېھقانلارنى ئاشلىقنى ياخشى تېرىشقا يېتەكلىدى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاشلىق كارخانىلىرى جەمئىي 100 مىليون يۈەن سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئۆسۈم ياردىمىدىن بەھرىمەن بولدى.

دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بۇ يىل ئاچقان مەملىكەتلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىناۋەتلىك كاپالەت فوندى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سىنلىق يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ فوند تەسىس قىلىشتىكى تەجرىبە - ئۇسۇلى ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمى يەنە بىر قېتىم تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتە تونۇشتۇرۇلۇپ كېڭەيتىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىقنى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەبلىغىگە ئۇزاق ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، فوندنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى كېپىللىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بۇغداي سېتىۋېلىش - ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭ ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش» يېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.