​شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2022-12-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ مىڭشەن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى​

شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ ناخەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

ۋاڭ مىڭشەن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا، سايلام ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ داۋاملىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

ۋاڭ مىڭشەن مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش؛ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي - قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.