شىنجاڭ ھەربىي رايونى 13 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2023-01-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ھەربىي رايونى 13 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىدىن 14 ـ كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ياڭ چېڭ ھەربىي رايون پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دوكلات بەردى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن ليۇ لىن سۆز قىلدى.

ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى دائىملىق تەشكىللەپ، خەۋپ ـ خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا پائال قاتنىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ھەمكارلىشىپ ياخشى تۇتۇپ، «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى بارلىق كوماندىر ـ جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم بىر يىل. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قاراقۇرۇم روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇش كېرەك. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ھازىرلىقىنى پۇختا تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تاۋلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك. پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى تىرىكىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چۆرىدەپ، سەپەرۋەرلىك قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا مۇلازىمەت قىلىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ مۇقىملىقىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ تۇرۇشلۇق جاينىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى قوللاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرا بويىدىكى كەنت قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ـ نەپىقە بېرىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە تەۋەلىرىنى ھەربىيلەر بارغان جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىش، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كاپالەت تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىسىمنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، غەم ـ ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان، ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن خالمۇرات ئابدۇراخمان، ۋېن دۇڭ، لى ۋېن، شۈ شياڭ، ليۇ دۇڭلىن، دۇڭ ۋېيجياڭ، تاۋ شياڭمىڭ، جاۋ خەيفېي يىغىنغا قاتناشتى.