ئىشەنچنى چىڭىتىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

2023-01-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نىشاننى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

قاراپ چىقىش جەريانىدا، رېن گۇاڭپېڭ، باتۇ، رېيىمجان كېرەم، شۈ مىن، داۋا، نۇرىمانگۈل ئەمەر قاتارلىق ۋەكىللەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، ئۇلار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالدى، كەلگۈسى توغرىسىدا توختالدى. ما شىڭرۇي كۆپچىلىك بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلىنىپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان خىزمەت نىشانى ئېنىق، تەدبىرلەر كۈچلۈك بوپتۇ، بۇ دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيمەن.

ما شىڭرۇي بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۇلتۇردىن بۇيان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور. بايىنغولىن ئوبلاستى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى توغرا تېپىپ، قاتناش رايون ئورنى، ئېنېرگىيە بايلىقى، خاس يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق پىلان تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك. ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا ھەر تەرەپلىمە قاتنىشىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەۋزەل بايلىقنى ئۆز جايىدا ئېچىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نەشپۈت، چىلان قاتارلىق خاس باغ ـ ئورمانچىلىق ۋە ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، ئامما ئۈچۈن جان دىل بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ ۋە ئۇلارغا بەخت ـ سائادەت يارىتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. تىرىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، بۈگۈردە ئەسكەرلەرنى تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىش، تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ شەرققە قايتىشى قاتارلىق تارىخىي پاكىتلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، سۇپا ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ئىشلىشى كېرەك؛ دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ باشتىن ـ ئاخىر تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك. بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، دادىل ئىشلەش، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەپەككۇردىكى قاتمال ھالەت، خىزمەت ئىنېرتسىيەسى ۋە يولغا تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى باشتىن ـ ئاخىر خىزمەت ۋەزىيىتىنى يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.