يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2023-01-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

     ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، ۋەكىللەر بەس ـ بەستە سۆز قىلىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا زور ياردىمى بار، بىز ئەستايىدىل رەتلەپ، پائال قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بەش يىل، بولۇپمۇ 2022 ـ يىلى شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا پەۋقۇلئاددە يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى، بولۇپمۇ 2020 ـ يىلى 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 2022 ـ يىلى شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بېغىشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى بىر ـ بىرلەپ يېڭىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرساق، قىيىنچىلىق ئالدىدا تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى سىڭدۈرۈلدى، دوكلاتتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ، 5 ـ، 6 ـ، 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش جەھەتتە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مەسىلىلەرنى يېشىش ـ ھەل قىلىش يېڭى پىكىر يولى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى چىڭىتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالى قويۇپ بېرىلدى؛ سىياسەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى بىلەن قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى؛ كونكرېت ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىش نامايان قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلى ئوبلاستى مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ نىشان، ئورنىنى توغرا تېپىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشى، كۈچەيتىشى، ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. پورتلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلاش جەھەتتە سىستېمىلىق پىلانلاشنى يولغا قويۇپ، دادىللىق بىلەن يېڭى ساھە ئېچىشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنى تىزگىنلەش، خەۋپ ـ خەتەرنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، كۆزلىمە نىشاننى تاماملاش ئاساسىدا تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ باشلامچىلاردىن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلى تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.