جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى

2023-11-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي ۋېيجيې تەكلىپ بىلەن مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. سۈي ۋېيجيې سىياسەتلەرنى تەھلىل قىلىش بىلەن نەزەرىيە ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى ئىگىلەش، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇش خىزمەت تەكلىپى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم ئەھمىيىتى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر بايان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە باشقا مۇنەۋۋەر ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىدىكى پىشقان تەجرىبىلەرنى تونۇشتۇردى ھەم ئەمەلىيەتكە زىچ باغلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا قاراتمىلىققا ئىگە ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان لېكسىيە نەق مەيداندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى ۋە تەربىيەگە ئىگە قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن مەيدان لېكسىيەدە نەزەر دائىرە كەڭ، مەزمۇن مول، سانلىق مەلۇماتلار تەپسىلىي ۋە ئەمەلىي، مىساللار جانلىق بولۇپ، ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكى ھەم ئەمەلىيەت چوڭقۇرلۇقىغا، ھەم ماكرولۇق كۆزىتىش نۇقتىسى ھەم كونكرېت تەھلىلگە ئىگە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ يادرونى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشتا يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز.

بۇ قېتىمقى لېكسىيە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسىنىڭ 1 - قارار لېكسىيەسى بولۇپ، كېيىنكى قارارلىرىدا دۆلەت ئىچىدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونى تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار مەخسۇس تېمىدا دەرس ئۆتۈشكە داۋاملىق تەكلىپ قىلىنىدۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشى تىرەك بىلەن تەمىنلىنىدۇ.