ئالدىنقى ئون ئايدا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت كۆلىمىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى

2023-11-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى:

ئالدىنقى ئون ئايدا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت كۆلىمىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى جەمئىي 330 كارخانا ئۈچۈن بېجىرىپ بەرگەن چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتى 10 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، راسچوت كۆلىمىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتى دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئارقىلىق چەت ئەللىك خېرىدارلار بىلەن بىۋاسىتە مەبلەغ كىرىم ـ چىقىمى قىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئىپادىلىنىش شەكلى چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتا خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى قەرزى، دۆلەت ھالقىغان كارخانا ـ گۇرۇھلارنىڭ چېگرا ھالقىغان قوش يۆنىلىشلىك خەلق پۇلى مەبلەغ كۆلچىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چەت ئەلگە ئالاقىدار كارخانىلار خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ باھا ھېسابلىغان ۋە راسچوت قىلغاندا، پېرېۋوت نىسبىتىدىكى داۋالغۇش خەۋپ ـ خەتىرىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت كەسپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت كەسپىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ بانكا «ماتېرىيال كۆپ، ھالقا كۆپ» كەسىپلەر ۋە «قېتىم سانى كۆپ، ئىناۋىتى ياخشى» كارخانىلارنى قولايلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بېجىرىش تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش ئارقىلىق ئاپتوماتلاشقان، ئۇچراشمايدىغان كىرىم ـ چىقىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ تالون تەييارلاش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، كەسىپ بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

«چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى بېجىرىش رەسمىيىتىنىڭ قولايلىق بولۇشى ۋە بېجىرىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى كارخانىلار مەبلىغىنىڭ ئىگىلىنىپ كېتىشىنى ئازايتىپ، مەبلەغ ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدا يارىتىدۇ» دەپ بىلدۈردى جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى سودا بانكا بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىڭ.

جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يەنە يان تېلېفون بانكىسىنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور سىرتىدىكى مەھسۇلاتلارنى توردىكى مەھسۇلاتلارغا يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، تاشقى سودا كارخانىلىرىنى توردا پۇل پېرېۋوت قىلىش، توردا چەت ئەل پۇلىغا تېگىشىش ھېساباتى قىلىش، توردا كاپالەت رەسمىيىتى بېجىرىش قاتارلىق كۆپ خىل توردىكى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭى پۇرسەت ئالدىدا، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنى خەلقئارا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ھەر تەرەپلىمە چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن سىجىل تەمىنلەيدۇ. لى جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كۆپ خىل سۇپا ماسلىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىش، چېگرا ئىچى ـ سىرتىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، شۆبە ـ تارماق بانكىلار ئارا ۋاكالىتەن چىقىم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى مەھسۇلاتلىرى گۇرۇپپىسى شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قولايلىق چىقىم قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، قىممىتىنى ساقلاپ خەتەردىن ساقلىنىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز.