يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2023-11-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش جوۋ يىڭ، ۋېي گوچۈەن، لى شيا، لى جىجۈن ۋەكىللىكىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار تىپلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ سادىق، قەتئىي بولۇش، شەخسىيەتسىز ۋە قورقماس بولۇش، ئىرادىدىن قايتماي پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشتەك پولات قوشۇننىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە پولات قوشۇننىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، بىزگە ئۈلگە ۋە نەمۇنە تىكلەپ بەردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىگە قاتنىشىش، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۈلگىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېتىقاد ۋە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، دادىللىق بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، شاڭخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جوۋ يىڭ، سىچۇەن ئۆلكىسى گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دېرۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي گوچۈەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچېڭ شەھىرى جىشى ناھىيەسى جىڭجوۋ يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى لى شيانىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلغۇچى باۋ لۇ، مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى 1 - ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جىجۈندىن ئىبارەت دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ تۆت ئەزاسى ئاددىي تىل، جانلىق مىساللار ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشتەك مۇنەۋۋەر ئىش ئىزلىرى ۋە تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئىلغار تىپلار ئىچىدە، چىرىكلەشكەنلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل يۈزتۇرا ئېلىشقان قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈش «ئاۋانگارتلىرى»، «ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھ كەمچىل بولمىغان» قارلىق ئېگىزلىكتىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ «ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى»، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە جان تىكىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان دەۋر ئۈلگىلىرى، شۇنداقلا مەۋقەنى تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، قاتتىق ئومۇرتقا، تۆمۈر يەلكە، ھەقىقىي قابىلىيەتنى تاۋلاپ چىققان سادىق قوغدىغۇچىلارمۇ بار. دوكلات بېرىش يىغىنى يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى، نەق مەيداندا كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

تيەن شياڭلى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جياڭ شىنجۈن كۆرۈشۈشكە ۋە دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 8 - نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى تيەن يې ۋە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوندىكى 7200دىن ئارتۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. دوكلات بېرىش يىغىنى سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.