شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم يوپۇق ئاچتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ھازىر، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. شىنجاڭ قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ - گۇاڭدۇڭ ئىككى جاينىڭ شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر.
شىنجاڭ قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى گۇاڭجوۋ شەھەرلىك بىناكارلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تولۇق مەبلەغلىق تارماق شىركىتى بولۇپ، قۇرۇلۇش، يېڭى ماتېرىيال ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، زامانىۋى شەھەر ۋە مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسىي تىجارەت بۆلىكى بار، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 6 مىليارد 700 مىليون يۈەن. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى گۇاڭجوۋ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ چيەنكۇن قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق تۆت شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقى ۋە مۈلكىنى ئاجرىتىپ يۆتكەش خىزمىتىنى باشلىدى ھەم ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا شىركەت قۇرىدۇ.
ۋاڭ گاڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.