شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ باج تارماقلىرى دىققەتنى كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل باج ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كانچىلىق كارخانىلىرى 7 مىليارد 513 مىليون يۈەن تۈرلۈك باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ باج تارماقلىرى دىققەتنى كارخانىلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىغا سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ باج ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بىۋاسىتە، تېز بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، تەۋەلىكتىكى كارخانىلار بەھرىمەن بولالايدىغان باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ ھېسابلاپ، «باج تارماقلىرى بىلەن كارخانىلار بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش» مۇلازىمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىۋاسىتە ئۇلاش، بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش، «تور + يىراق مۇساپىلىك» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كارخانىلارغا يېشىل باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.
ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ كانچىلىك كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ قابا ئاشىلى مىسچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى يىلىغا 40 مىڭ توننىغا يېقىن مىس ئىشلەپچىقىرىدۇ. «بۇ يىل، شىركىتىمىز بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، مۇھىت قوغداش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش ـ ئېچىش ھەققى قاتارلىق جەھەتلەردە باجدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولۇپ، جەمئىي 10 مىليون 310 مىڭ يۈەنلىك باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولدى. باجدا ئېتىبار بېرىشنىڭ پايدىسى بىلەن، كارخانىمىز تەتقىق قىلىش ـ ئېچىش سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ھازىرغا قەدەر، كارخانىمىزنىڭ بۇ يىلقى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى» دېدى شىنجاڭ قابا ئاشىلى مىسچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جيەنچياڭ.
قابا ناھىيەلىك باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى خۇ بويەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، قابا ناھىيەلىك باج ئىدارىسى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، تەۋەلىكىدىكى كانچىلىق كارخانىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، «باجدا ئېتىبار بېرىش ئاقىللار ئۆمىكى»نى پائال تەشكىللەپ قۇرۇپ، يېشىل كانچىلىق كارخانىلىرىغا قارىتا «باج باشقۇرغۇچى» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك سىياسەت پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، قابا ناھىيەسىدىكى كانچىلىق كارخانىلىرى تۈرلۈك باج ـ ھەقتە ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولۇپ، جەمئىي 307 مىليون يۈەن بېجى كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى.
دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى بايلىق ۋە مۇھىت باج باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋەن فېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك باج تارماقلىرى ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىياتقا دائىر بىر قاتار باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كانچىلىق كارخانىلىرىنى ئەمەلىي پايدىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈردى.