شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق ئېتىز ـ ئېرىق سۇچىلىقى ھەم يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2023 ـ يىللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان بولۇپ، 4 مىليون 350 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى يېڭىدىن بەرپا قىلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىغان.
«قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، يولغا قويۇش سۈرئىتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئۆستى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى ئېتىز قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ مىڭيى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى. ھەرقايسى جايلار مېخانىزم بەرپا قىلىش، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ، تۇپراق بايلىقى زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتتى.
بۇ يىل، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارغا بېرىلىدىغان مو بېشى ياردەم پۇلىنى 1740 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 240 يۈەن كۆپەيتتى. ھەرقايسى جايلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەبلىغىنى پىشاڭ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار تۈرلۈك مەبلەغنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، مەبلەغ يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆپ تارماقنىڭ مەبلىغى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا مەركەزلىك سېلىنىدىغان ياخشى مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى دائىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىز قوغلاپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان تۈرلەرنى ۋاقتىدا تەلەپ بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، 2019 ـ يىلىدىن بۇيان يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى يولغا قويغان 1565 تۈرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئېتىز قۇرۇلۇشى سۈپىتىنىڭ تېگى ـ تەكتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز سۈپىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئۆلچەپ ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مو بېشىدىن 70 كۇب مېتىر ئەتراپىدا سۇ تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى %5تىن %20كىچە ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ نىسبىتىنى %30تىن %50كىچە كۆپەيتىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ھالقىسىدىكى مو بېشى پايدىسىنى 100 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.
جاڭ مىڭيى مۇنداق تونۇشتۇردى: كېلەر يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىدا «كۆپ ئىشلىگەننى كۆپ قوللاش، ئاز ئىشلىگەننى ئاز قوللاش، ئىشلىمىگەننى قوللىماسلىق» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تۈر مەبلىغى ۋە ۋەزىپە تەقىسىملەشتە تۈر زاپىسى، سۈپەت باشقۇرۇش، سۈرئەتنى باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش، كۆپ مەنبەلىك سېلىنما، قۇرۇلۇش ئۈنۈمى قاتارلىق ئامىللارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ جايلىشىشى، ۋاقىت تەرتىپى ئورۇنلاشتۇرمىسى، قۇرۇلۇش مەزمۇنى ۋە سېلىنما ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېھتىياجغا ئۇيغۇن بولغان كۆپ مەنبەلىك سېلىنما كاپالەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، 2024 ـ يىللىق تۈرلەر بويىچە تۈر تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، مەبلەغ غەملەش قاتارلىق ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، 1 ـ تۈركۈمدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە كېلەر يىلى ئەتىيازدا تولۇق ئىش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.