ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

2023-11-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - يىغىنىنى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - يىغىنىنى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت 6 - يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز سولياۋ يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مىللەت - دىن - تاشقى ئىشلار - خۇاچياۋلار كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قومۇل شەھىرىنىڭ بازار سۇبيېكتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «تۇرپان شەھىرىنىڭ بوران ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش ئەنجۈر كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنى تەڭشەش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى، 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار قاراپ چىقىلدى.

توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.