(2020 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2022 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 ـ يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(74 ـ نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەرزىيەت نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 ـ يىغىنىدا 2022 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ئۆزگەرتىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2022 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى
1 ـ ماددا بۇ نىزام پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاش، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەرزىيەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ـ نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 ـ ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلارنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تەتبىقلىنىدۇ.
3 ـ ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى ۋە تارماق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
4 ـ ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئەرزىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپارات (تۆۋەندە ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى دېيىلىدۇ)نى تەسىس قىلىپ ياكى خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى، خادىملىرىغا خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنى خىزمەت خىراجىتى بىلەن تەمىنلىشى، ئەرزىيەت خىزمىتى خادىملىرىنى تەربىيەلەش، ئالماشتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش سورۇنى ياكى بىرلىشىپ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش سورۇنى تەسىس قىلىشى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئەرزىيەت مۇرەسسە ئىشخانىسى تەسىس قىلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەرز قىلىش، بېجىرىش، سۈرۈشتۈرۈش، ئىز قوغلاش، نازارەت قىلىش، باھالاش بىر گەۋدىلەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەرزىيەت ئۇچۇر سۇپىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئەرزىيەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشى ھەمدە ئاممىنى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق ئەرز تەلىپىنى ئىنكاس قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
5 ـ ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار كۆپ خىل ئاممىۋى خىزمەت ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ـ ماجىرالارنى كۆپ تەرەپتىن بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، مۇرەسسە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش، تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇرەسسەسى قاتارلىقلارنىڭ ماس ھالدا ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ۋاسىتىسى، سىياسەت ۋاسىتىسى، ئىقتىسادىي ۋاسىتە، مەمۇرىي ۋاسىتە قاتارلىق ۋاسىتە ۋە تەربىيە بېرىش، كېڭىشىش، يېتەكلەش، ئىسپات ئاڭلاپ باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ زىددىيەت ـ ماجىرالارنى تۈگىتىپ، ئەرزىيەت ئىشى يۈزبېرىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.
يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئەرزىيەت ئۇچۇرچىلىرى تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئەرزىيەت خىزمىتى تور سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زىددىيەت يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بايقاشنى، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە تۈگىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
6 ـ ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئەرزىيەت خىزمىتىگە قاتنىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئەرزىيەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق توپلىغان ئاممىنىڭ پىكرى ۋە ئەرز تەلىپىگە قارىتا قونداق ھېسابات تۇرغۇزۇپ، تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىپ، خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق تارماقنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
7 ـ ماددا ئەرزىيەتچىنىڭ قانۇن بويىچە قىلغان ئەرزىيەت پائالىيىتى قانۇندا قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئەرزىيەتچى قانۇن بويىچە قىلغان ئەرزىيەت پائالىيىتىگە ئارىلىشىۋېلىشىغا، توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەرزىيەتچىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئەرزىيەتچىنى كەمسىتىشىگە، بېسىشىغا ۋە زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
8 ـ ماددا ئەرزىيەتچى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:
(1) ئەرزىيەت ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەت مۇلازىمىتى قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛
(2) ئەرزىيەت ئىشى بىلەن بىۋاسىتە پايدا ـ زىيان مۇناسىۋىتى بولغان ئەرزىيەت خادىمىغا چەتلەپ تۇرۇش تەلىپىنى قويۇش؛
(3) ئۆزىنىڭ ئەرزىيەت ئىشىنىڭ قوبۇل قىلىنىش، بېجىرىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش؛
(4) ئەرزىيىتىنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىش؛
(5) شەخسىي سىرنى، سودا مەخپىيىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىش؛
(6) قايتا تەكشۈرۈش، قايتا ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلىش؛
(7) زور، مۇرەككەپ، چىگىش ئەرزىيەت ئىشلىرىدا ئىسپات ئاڭلاشنى ئىلتىماس قىلىش؛
(8) قانۇن ياردىمى بېرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىش؛
(9) قانۇن ـ نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.
9 ـ ماددا ئەرزىيەتچى بىردىن ئىككىگىچە كىشىنى ۋاكالەتچى قىلىپ، ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەرزىيەت ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ھەمدە ئەرزىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئەرزىيەت ۋاكالەتچىلىرىدىن ئەرزىيەت ئىشىغا ۋاكالەتچىلىك قىلغانلىرى قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى، ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە ھوقۇق بېرىلگەن دائىرىدە ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى تور ئەرزىيەت ۋاكالەتچىلىك نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ تور ئەرزىيەت سۇپىسى ئارقىلىق ئەرز تەلىپىنى ئىنكاس قىلىشىغا، ئەرزىيەت ئىشىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق ياراتسا بولىدۇ.
10 ـ ماددا ئەرزىيەتچى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش؛
(2) جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى تەرتىپى ۋە ئەرزىيەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، دۆلەت، جەمئىيەت، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ؛
(3) ئەرزىيەت ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ئۆزى بەرگەن ماتېرىيال مەزمۇنىنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، پاكىتنى بۇرمىلاشقا، ئويدۇرۇۋېلىشقا، باشقىلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ؛
(4) ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ ئەرزىيەت ئىشىنى تەكشۈرۈشى، ئېنىقلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا ماسلىشىش؛
(5) قانۇن ـ نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.
11 ـ ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى ئەرزىيەت ئىشىنى بېجىرىشتە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
(1) ئەرزىيەت ئىشىنى بېجىرىش تەرتىپى بويىچە ئەرزىيەت ئىشىنى ئادىل، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛
(2) مەخپىيەت ساقلاش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش كېرەك، پاش قىلىش، ئەرز ـ شىكايەت قىلىش ماتېرىيالىنى پاش قىلىنغان، ئەرز ـ شىكايەت قىلىنغان كىشىگە ياكى ئورۇنغا بېرىشكە بولمايدۇ، پاش قىلىنغان، ئەرز ـ شىكايەت قىلىنغان كىشىگە، ئورۇنغا ياكى ئالاقىسىز كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويۇشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ؛
(3) ئەرزىيەتچىنىڭ ئەرزىيەت ئىشىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى رەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرغا چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(4) ئەرزىيەت ماتېرىياللىرىنى يىتتۈرۈپ قويۇشقا، تاشلىۋېتىشكە، تىقىۋېلىشقا، بۇزۇۋېتىشكە ياكى ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ؛
(5) قانۇن بويىچە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك باشقا بەلگىلىمىلەر.
12 ـ ماددا ئەرزىيەت ئىشىدا تۇنجى بېجىرگۈچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئورگان، ئورۇننىڭ مەسئۇلىيىتىگە چېتىلىدىغان ئەرزىيەت ئىشىنى ئەڭ ئاۋۋال تاپشۇرۇۋالغان ئورگان، ئورۇن ئۇنىڭغا چېتىلىدىغان باشقا ئورگان، ئورۇن بىلەن كېڭىشىپ قوبۇل قىلىدۇ؛ كېڭىشىپمۇ يەنىلا تالاش ـ تارتىش بولسا، ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگان، ئورۇن قوبۇل قىلغۇچى ئورگاننى بېكىتىدۇ، ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگان، ئورۇن بولمىسا، ئۇلارغا ئورتاق بولغان ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئەرزىيەت ئىشى كۆرۈلگەن جاي بىلەن ئەرزىيەتچى نوپۇسقا ئېلىنغان جاي ياكى دائىم تۇرۇشلۇق جاي بىردەك بولمىسا، ئەرزىيەت ئىشى كۆرۈلگەن جاي ياكى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇن ئۇنى ھەل قىلىش ۋە تۈگىتىشتە ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەرزىيەتچى نوپۇسقا ئېلىنغان جاي، دائىم تۇرۇشلۇق جاي، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇن ئەرزىيەتچىنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىش، ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىش، ئۇنى يېتەكلەش قاتارلىق ھەمكارلىشىپ بېجىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
13 ـ ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئەرزىيەتچىگە چىقىرىپ بەرگەن ئۇقتۇرۇشنامە ۋە بىر تەرەپ قىلىش، قايتا تەكشۈرۈش، قايتا ئېنىقلاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلارنى ئەرزىيەتچىگە قەرەلىدە يەتكۈزۈشى، يەتكۈزمە ئۇچۇر قەغىزىنى تولدۇرۇشى ھەمدە ئەرزىيەت ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
يەتكۈزۈشتە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، قالدۇرۇپ قويۇپ يەتكۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق يەتكۈزۈش، ھاۋالىلىك يەتكۈزۈش، پوچتىدىن يەتكۈزۈش، ئېلان ئارقىلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
14 ـ ماددا مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇنلاردىن ئەرزىيەت ئىشىنى قوبۇل قىلىش، بېجىرىش جەريانىدا تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، تارماق مەسئۇلىيىتى ۋە تۇنجى بېجىرگۈچى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىرىنى مەسئۇل ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
15 ـ ماددا مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇنلاردىن قانۇن ـ نىزام ياكى باشقا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا تەدبىر بەلگىلەپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئەرزىيەت ئىشىنىڭ كۆرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
16 ـ ماددا ئەرزىيەتچىلەر ياكى ئەرزىيەت ۋاكالەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 10 ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ياكى ئەرزىيەت ئىشى قانۇن بويىچە بېجىرىلىپ بولسىمۇ يەنىلا يېپىشىۋېلىپ ئەرز قىلغانلىرى، ئىش تېرىپ ئەرز قىلغانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇن خادىملىرى نەسىھەت قىلىدۇ، تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
17 ـ ماددا مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 11 ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى مەسئۇل ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
18 ـ ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار، چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرۈلىدۇ.
19 ـ ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن ـ نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)