شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023 - يىللىق نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بېكىتكەن 15 پارچە نۇقتىلىق تەكلىپنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش ۋە جاۋاب بېرىش تاماملانغان، بارلىق تەكلىپ بەرگۈچىلەر بىردەك بېجىرىلىش نەتىجىسىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، تاپشۇرغان ھەم تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەنگە ئېلىنىپ بېجىرىشكە تاپشۇرغان تەكلىپ جەمئىي 624 پارچە بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئالاقىدار تۈزۈم ۋە خىزمەت تەرتىپى بويىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 15 پارچە نۇقتىلىق تەكلىپنى تاللاپ بېكىتكەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان، ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت ئۈستىگە ئېلىپ بېجىرگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى چى مۇنداق تونۇشتۇردى: 15 پارچە نۇقتىلىق تەكلىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تۆت پارچە تەكلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى بەش پارچە تەكلىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى ئۈچ پارچە تەكلىپ، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى ئىككى پارچە تەكلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى بىر پارچە تەكلىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەزمۇنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك.
تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەر يىلى بارلىق تەكلىپلەر ئىچىدىن بىرقانچە نۇقتىلىق تەكلىپنى تاللاپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تەكلىپ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى سۈپىتىدە، 2022 - يىلى 1 - ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىدىن باشلاپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر، سىياسىي كېڭەش رەئىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى ھەم پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش» ۋەزىپە ئادا قىلىش ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى بالدۇر باشلىدى، ھەرىكىتى تېز بولدى، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەرلەر ئۆزى ئورۇنلاشتۇردى، لايىھە تۈزدى، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس بېجىردى، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك بولدى.
«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ تاپشۇرۇشقا يېتەكلەش، تەكلىپ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ بېجىرىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رولىنى پائال جارى قىلدۇردى.» لى چى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن نۇقتىلىق تەكلىپ بېرىشكە تەشكىللەش ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بۇ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تۈزۈمنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكلىپلەرنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى ئۆزگىچە بېجىرىش، ئۈنۈملۈك بېجىرىشكە كۈچ چىقىرىمىز.