يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2023-11-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا بارلىق بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسى ۋە ئۇلى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، كۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە، چوڭقۇر ئىشلەش كېرەك. ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قويۇپ، كۈچەش نۇقتىسىنى ئىقتىدار، ساپانى ئۆستۈرۈشكە قويۇپ، تۈپ نۇقتىنى تۈزۈلمە - مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇشقا قويۇپ، مەۋقەنى مەركىزىي خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىنى سىستېمىلىق كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، بىرلىك سەپ تەپەككۇرى، بىرلىك سەپ ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىرلىك سەپ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.