«قوش 11» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2023-11-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.61 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل «قوش 11» مەزگىلىدە (10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى سائەت 20دىن 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى سائەت 24كىچە)، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان توردا پارچە سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 944 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.61 ئاشقان.

تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇلتۇرقى يۇقۇم تۆۋەن تۈپ سانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا بۇ يىلقى ھەرقايسى چوڭ سۇپىلارنىڭ «قوش 11»دىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ بازار ئىگىلىشى ئۈستىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «قوش 11» مەزگىلىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئىستېمالچىلارنىڭ ئاقىلانە، ئەمەلىي ئىستېمال قارىشى ئەسلىگە كەلدى، ھەرقايسى سۇپىلار سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باھا ئەۋزەللىكىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكىلەرنىڭ توردا ئىشقا ئاشۇرغان پارچە سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 596 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69.25 ئاشقان. ساھە بويىچە يېمەكلىك ـ ساقلىق ساقلاش، ئۈنچە ـ مەرۋايىت، زىبۇزىننەت، ھۆسن تۈزەش، پەرۋىش قىلىش بۇيۇملىرىنى توردا پارچە سېتىش سوممىسى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان.

ئالاقە تورى ئىگىلىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ رەقەملىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىستېمالنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ قولايلىقلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، «ھەمراھ ئىقتىساد» «ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتى» قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان تۈرلۈك قولايلىق مۇلازىمەتلەر ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، تور مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىستېمال بازىرىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى تېز قويۇپ بېرىلدى. «قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت تىپىدىكى توردا ئىشقا ئاشۇرغان پارچە سېتىش سوممىسى 347 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.24 ئاشتى، مۇلازىمەت ئىستېمالى «قوش 11»دىكى مۇھىم «يېڭى تەمىنات» ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندى.

سىرتقا چىقىش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ئىستېمال دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزگىلىدە ساياھەت، ياتاق، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك ـ ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردىكى كىچىك ۋە خاس زاكاز قىلىنغان مۇلازىمەت ئىستېمالى تېز ئاشتى، «قوش 11» مەزگىلىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى ئېتىبار بېرىش ۋە ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەنزىرىلەر كېڭىيىپ ۋە باغلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بويىچە توردا ئىشقا ئاشۇرغان پارچە سېتىش سوممىسى 8 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.24 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، «مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىۋېلىش» ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنىڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رەقەملىك يېزا ـ كەنت، ناھىيە رايونى سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى سىجىل گەۋدىلەندى، يېزىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە تېز تۆۋەنگە يۈزلەندى، يېزىلارنىڭ ئىستېمال مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بوشلۇقى يەنىمۇ كېڭەيدى. «قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېزىلىرىدا توردا ئىشقا ئاشۇرۇلغان پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 599 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.99 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك ـ ساقلىق ساقلاش، ئۈنچە ـ مەرۋايىت، زىبۇزىننەت، ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئاساسىي كۈچى يېزا تاۋارلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. يېزا تورىدا پارچە سېتىش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكىلەرنىڭ توردا ئىشقا ئاشۇرۇلغان پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 293 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.75 ئاشقان؛ شىنجاڭ يېزىلىرىدا مۇلازىمەت تىپىدىكىلەرنىڭ توردا ئىشقا ئاشۇرۇلغان پارچە سېتىش سوممىسى 306 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.31 ئاشقان.

شىنجاڭنىڭ «باش مەنبەلىك ياخشى مەھسۇلاتلىرى» بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، كىچىك پىروگرامما، يېڭى پارچە سېتىش ۋاسىتىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە تېز يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن «يېڭىلىقنى سىناپ بېقىش» ئېھتىياجىنى قاندۇردى. مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى كەسپىدە توردا پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ رەت تەرتىپى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، چىلان، ياڭاق، ئالما قاتارلىق تۈرلەرنىڭ بازىرى سىجىل ئىتتىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا ئىشقا ئاشۇرغان پارچە سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 548 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72.1 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش سودا سوممىسى جەمئىي 429 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.12 ئاشقان، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەرنىڭ قېتىم سانى 71 مىليونغا يەتكەن، ئۇششاق يېمەكلىك، خام ـ يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى، ھۆسن تۈزەش، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ توردا سېتىلىش مىقدارى بىرقەدەر ياخشى بولغان.