شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى ھەم تۇنجى تۈركۈمدە 35 تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ماكانلىشىشىنى كۈتۈۋالدى، ئىمزالىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تۈر سوممىسى 17 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى.
دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسى 179.66 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ دائىرىسى 28.48 كىۋادرات كىلومېتىر (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3 ـ شىدىكى 3.81 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى 3.56 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېلىدۇ.
«جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قەشقەر بۆلەك رايونى خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروت يولى بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك تىكىش، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، ئىمپورت قىلىنغان بايلىقنى شۇ جايدا پىششىقلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق بازارلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تاۋار پىششىقلاش يىغىش ـ تارقىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
شۇ كۈنى، جىفۇ پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ خۇايۈجى سودا چەكلىك شىركىتى، خېنەن موئېر لىتىيلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 30 كارخانا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىڭتۇەن شۆبە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالىدى.
گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىن كەلگەن جىفۇ پاي كونترول گۇرۇھى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، جەمئىي 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ جۇڭخۇا مەدەنىيەت مېھمانسارىيى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول» ئالتۇن، ئالماس، قاشتېشى سودا مەركىزى قۇردى. «قەشقەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى، قەشقەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق چوقۇم تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتالايمەن» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ما شاۋفۇ.
«ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىزنىڭ خەلقئارا بازاردا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىشەنچىمىز بار.» جېجياڭ خۇايۈجى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ سەيپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالانغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا ياسىمىچىلىق سودا كەسىپلەر باغچىسى تۈرىگە 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يېنىك توقۇمىچىلىق، رەخت، كىيىم ـ كېچەك، زىبۇزىننەت قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كارخانىلار باغچە رايونى بەرپا قىلىمىز، قىرغىزىستاندا يۈرۈشلەشكەن جۇڭگو يېنىك توقۇمىچىلىق شەھەرچىسى قۇرۇپ، سېتىش يوللىرى بىلەن تەمىنلەيمىز، بۇ ئارقىلىق سانائەت ـ سودا ھەمتۈرتكە بولغان چېگرا ھالقىغان قوش ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىمىز.
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نيې جۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايىتى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ قەشقەر بۆلەك رايونىنى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ئەلا، سېلىنما، سودا قولايلىق، ئەۋزەل كەسىپلەر توپلاشقان، مۇھىم ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، باشقۇرۇش ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولى گەۋدىلىك بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەركىن سودا باغچە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.