شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىۋى بايلىق سودا ساھەسىدىكى رەقەملىك گۇۋاھنامە (CA)نى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش سۇپىسى قۇرغان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش ۋەزىپىسى بويىچە «رەقەملىك گۇۋاھنامە (CA)نى تارماق، رايون ھالقىپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش» خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش سۇپىسى CAنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئىمزا ـ تامغىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە رايون ـ بۆلەك زەنجىرى مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى رايون ـ بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىستېمىلار ئارا راۋان بولماسلىق، كۆپ CAنى يەكلەپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلماسلىق قاتارلىق توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، رەقەملىك گۇۋاھنامىنى رايون ھالقىپ، سودا سۇپىسى ھالقىپ قوللىنىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئۇزاقتىن بۇيان، رەقەملىك گۇۋاھنامىنى ئۆزئارا يەكلەش تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ رايون ھالقىپ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قايتىدىن بېجىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەم قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، ھەم سودا تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: مەركىزىمىز ئىزچىل ئاممىۋى بايلىق سودا ساھەسىدىكى رەقەملىك گۇۋاھنامىنى رايون ھالقىپ يەكلىمەي ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتى جەھەتتە يول ئېچىپ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ھەقىقىي تۈردە تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى.
ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ھەمبەھرىلىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ «رايون ئىچى ـ سىرتى ماسلىشىدىغان، كۆپ ساھە ھەمبەھرىلىنىدىغان» رەقەملىك گۇۋاھنامىنى يەكلىمەي ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمەت سىستېمىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
رەقەملىك گۇۋاھنامە كۆچمە تېرمىنالىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ يەنە بۇ يىل 4 ـ ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە رەقەملىك گۇۋاھنامە (CA)نى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باشلىدى ھەم گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى بىلەن «گۇيجوۋ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)نىڭ ئاممىۋى بايلىق سودىسىنى ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش رامكا كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئۆلكىلەر ئارا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا تۈرتكە بولدى.