جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2023-11-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لياڭ جېنيىڭ شىنجاڭغا كېلىپ «جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىش» توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەنى قانات يايدۇردى

جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ ئۈرۈمچىدە «جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىش» توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەنى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى.

لياڭ جېنيىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بۇ يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شياڭگاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە، سودا، پىششىقلاش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى كارخانىچىلار، داڭلىق زاتلارنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. بۇ قېتىم لياڭ جېنيىڭ «شياڭگاڭ ئەركىن سودا پورتىنىڭ 100 يىللىق تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاچقۇچلۇق كەسىپلىرىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولنى قانداق قىلىپ ياخشى مېڭىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش»نى باش تېما قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

لېكسىيەدە سودا مۇلازىمىتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋاسىتە قىلىنىپ، ماركا، ئۆلچەم، سۈپەت، سودا سۇپىسى قاتارلىقلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبىلەر ھەمبەھرىلەندى، تەدبىر ـ ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لياڭ جېنيىڭ يەنە نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۆھىرى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بىر تۈركۈم جۇڭيى تېبابىتى دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، كوزىر مەھسۇلاتلارنى يارىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ ماركا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى خەلقئارا سودا يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئاشكارا بولغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا سۇپىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش كېرەك.

لېكسىيەنىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ئەمەلىيەتكە يېقىن، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، بازار ئىستىقبالى قاتارلىقلار توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق تونۇش ۋە پىكىر يولىغا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

شۇ كۈنى، كەسپىي زاتلار جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار يەنە ئالاقىدار سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئەركىن سودا تەرەققىيات تەجرىبىسى ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ھەمبەھرىلىدى.

توختى ياقۇپ، جارۇللا ھېسامىدىن، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، لى يۇڭخۇڭ قاتارلىقلار لېكسىيەگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار، تېببىي دورا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى. مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.