جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك

2023-11-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى يىغىنى كورلا شەھىرىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى ئىجرا قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ ماھىيەتتە دۆلەتكە ۋاكالىتەن، خەلققە ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈلىدىغان نازارەتچىلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئورۇن بېكىتمىسى، پىرىنسىپى، يۆنىلىشى، قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزۈپ، نازارەت قىلىش بىلەن قوللاش، كۈندىلىك نازارەت قىلىش بىلەن نۇقتىلىق نازارەت قىلىش، تېمىنى دەل جايىدا تاللاش بىلەن نازارەتچىلىك مىقدارى، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، سەككىز چوڭ كەسىپ توپى، باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى) قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا ۋە جەمئىيەتتىكى قىيىن نۇقتىلارنى چىڭ كۆزلەپ، تېمىنى دەل جايىدا تاللاپ، چىڭ قادىلىپ قويۇپ بەرمەي، پارتىيە كومىتېتى تەلەپ قىلغان بولۇش، ئامما ئىنكاس قىلغان بولسىلا، خەلق قۇرۇلتىيى ھەرىكەتكە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەي، كۆپ نۇقتىدىن ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، كۆپ خىل ۋاسىتىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش كېرەك. «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر ئايرىم ـ ئايرىم ئاساسىي يىغىن مەيدانى، شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغىچە سىنلىق شەكىلدە ئۇلىنىپ ئېچىلدى. بەش ئورۇندىكى مەسئۇل يولداش پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان خادىملار كورلا شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىنىڭ خىزمىتى، كورلا نەشپۈتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى ۋە باغراش كۆلىنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسى ـ مۇھىتىنى قوغداش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.