​مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يول قاتناش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىش كېرەك

2023-11-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

     جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يول قاتناش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قىسمەن يول تىرانسپورت كارخانىلىرى، يول تىرانسپورتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش سۇپا كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى قاتارلىقلارغا كېلىپ، يول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول قاتناش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 -، 5 -، 6 -، 7 -، 8 -، 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور يول قاتناش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى نوقۇل ھالدا ئىشتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىشتىن بۇرۇن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئىش جەريانىدا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئىشتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قاتناش بىخەتەرلىكى ئىبرەت تەلىم - تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شوپۇرلارنىڭ قانۇن ئېڭى، بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ساياھەت ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلى، يۈك ئاپتوموبىلى، بولكىۋاي» قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ «خەتەرلىك ھالەت»تە يولغا چىقىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يول بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يول قاتنىشىنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.