ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى ئىسلاھاتنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 3 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» «زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى سىياسەت - تەدبىر» مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇلۇشى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا ساھەسىدىكى ئىسلاھات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 3 - قېتىملىق يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش بايلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى ۋە كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى ئەسلىھەلىرىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، يېزا - كەنت سەھىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت دېھقانلار ئاممىسىنى يېقىن ئەتراپتا تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلىنەلەيدىغان، سىستېمىلىق، سىجىل بولغان داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئىلمىي، سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى خاس، ئەۋزەل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلار بىلەن مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، بىرقەدەر چوڭ كۆلەمگە ئىگە بولغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى ئىسلاھاتنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ سىجىل تۈردە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسى ۋە تەخىرسىز ئېھتىياجنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەپ تولدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. كۈچەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خىمىيەۋى تالا توقۇمىچىلىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاختىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايلىنىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كەسىپ كۆلىمىنى سىجىل زورايتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك سۈپەتلىك ماركا كارخانىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە توقۇمىچىلىق زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا كېڭەيتىپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى خاس، ئەۋزەل كەسىپ توپى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش كاپالىتى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل قوزغىتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات روھىنى ھەقىقىي تۈردە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتا ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، سىجىل تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھاتقا تايىنىپ تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.