«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى» كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2023-11-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى) كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى يەرلىك نىزامى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «نىزام»نى تۈزۈشتىكى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تونۇشتۇردى. «نىزام» 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، جەمئىي يەتتە باب، 39 ماددا بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، نازارەت قىلىش ئاساسىي گەۋدىسى، نازارەت قىلىش مەزمۇنى، يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىش، بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىش، قانۇنىي جاۋابكارلىق، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت يەتتە جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«نىزام»دا كىم نازارەت قىلىش، كىمنى نازارەت قىلىش، نېمىنى نازارەت قىلىش، قانداق نازارەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا قانداق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى قانۇن رامكىسى ئىچىدە يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتى ياراتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «نىزام»دا ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق نۇقتىلاردىن يېڭى ئۆلچەم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەھەتتە، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن سۇپا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، رايون ھالقىغان، تارماق ھالقىغان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇچۇرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش بەلگىلەندى؛ مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش جەھەتتە، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك قاتتىق يۈرگۈزۈلىدۇ؛ ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، كۈندىلىك نازارەت قىلىش بىلەن مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، يەنە ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىش، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ باھالىشىغا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، «نىزام»دا بىر تەرەپتىن، نازارەت قىلىش ئاساسىي گەۋدىلىرى، نازارەت قىلىش مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، نازارەت قىلىش تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىش جەريانىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك شەكىل، قەدەم - باسقۇچ، ۋاقىت چېكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ، بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان يېتەكلەشچانلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئايشەم يۇنۇس مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قانۇنىي كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، «نىزام»نىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، يولغا قويۇلۇشىغا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.