جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى
شىنجاڭدىكى پورتلار تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش ۋىزىسى كەچۈرۈم قىلىنغان يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 11دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، قورغاس پورتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا قازاقىستاندىن كەلگەن 48 يولۇچى تاموژنا ۋە چېگرا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىگە يېتىپ كەلدى. بۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى يولۇچىلار.
كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو پۇقرالىرى ھۆكۈمەت ئىشى ئادەتتىكى پاسپورتى، ئادەتتىكى پاسپورت ۋە ساياھەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، قازاقىستان پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت ۋە دۆلىتىگە قايتىش ئىسپاتىنى ئېلىپ، شەخسىي ئىش، سودا پائالىيىتى (سۆھبەتلىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ھەم باشقا سودا پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ساياھەت، داۋالىنىش، خەلقئارا تىرانسپورت ھەم چېگرادىن ئۆتۈش سەۋەبلىرى بىلەن يەنە بىر تەرەپتە چېگرادىن كىرسە، چېگرادىن چىقسا ياكى چېگرا ئارقىلىق ئۆتسە، چېگرادىن كىرگەن كۈندىن باشلاپ بىر قېتىملىق تۇرۇش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ھەر 180 كۈندە جەمئىي تۇرۇش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا ئېچىۋېتىلگەن تاشيول پورتىدىن بەشى بار، بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى پورتلار تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى، پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغانلار بىردەك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشتى.
قازاقىستان ئاھالىسى خۇرمەت پەرۇللا بىرىنچى ۋاقىتتا خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بېلىتىنى سېتىۋېلىپ قورغاسقا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئەزەلدىن شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلغۇم بار ئىدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشى ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولدى، مېنىڭ ۋىزا بېجىرىش ۋاقتىم تېجەپ قېلىندى».
قازاقىستانلىق سودىگەر مىرانبېك ئېسېنباي خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىن قورغاس شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ ئالمۇتا شەھىرىدە كىيىم ـ كېچەك سودىسى قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى، قورغاس شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ باققان. «ھازىر بىر قېتىمدا 30 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ شەھەرلىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىش، تەكشۈرۈشكە ۋاقتىم بار بولدى» دېدى مىرانبېك ئېسېنباي.
قورغاس چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 19غىچە، قورغاس تاشيول پورتىدا بىر كۈندە تەكشۈرۈپ چېگرادىن كىرگەن ـ چىققانلار 1900 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇ يىلقى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1300 ئادەم قېتىم كىرىپ چىقىشقا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشقان.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا، 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سەھەردە، قازاقىستاندىن كەلگەن 92 يولۇچى CZ6012 نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا چۈشتى، بۇ، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى يولۇچى.
«مەن دائىم ئالمۇتاغا كاماندىروپكىغا بارىمەن، ھازىر پاسپورت، ئايروپىلان بېلىتىنى ئېلىۋالساملا بولىدۇ، ناھايىتى قولايلىق»دېدى ئالمۇتادىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن يولۇچى ۋاڭ داچۈەن.
ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، قازاقىستاندىن جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتىگە يەتكەن.
11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 13تە، خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ چېگرادىن كىرگەن 21 يولۇچى ئالاتاۋ پورتىدا يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. بۇ يولۇچىلار قازاقىستان دوستېك پورتىدىن يولغا چىققان خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئالاتاۋغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى يولۇچى بولۇپ قالدى.
11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دولاتا پورتىمۇ جۇڭگو ـ قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 28 يولۇچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يولۇچىلار ئولتۇرغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ توشۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچىسى داناگۈل ئېلى مۇنداق بىلدۈردى: ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، يولۇچى توشۇش كەسپى بارغانسېرى جانلىنىدۇ، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى تەرەپتىكى يولۇچىلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ئىقتىساد ـ سودا، ساياھەت تېخىمۇ قولايلىشىدۇ.
جۇڭگو ـ قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغاندىن كېيىن چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى پورتتىكى ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغاندىن كېيىن چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغانلار كۆپىيىشكە ئۇيغۇنلىشىش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.
قورغاس تاموژنىسى قازاقىستان تەرەپتىكى نۇرجول تاموژنىسى بىلەن چېگرا تاموژنىسى ئۇچرىشىشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش نەق مەيدانىنىڭ تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ ئالاتاۋ تاموژنىسى سىياسەتنىڭ تەڭشىلىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يولۇچى توشۇشتىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يانداش لايىھەسى، مېخانىزمى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ، چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغانلارنىڭ ئۇچۇرىغا ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئۇنى ئانالىز قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى جانلىق تەڭشەپ، يولۇچىلار يولىنى كۆپەيتىپ ئاچتى؛ قورغاس چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى نەق مەيداندا تەييارلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان بىر ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەترىتىنى كۆپەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش يولىنى 14تىن 24كە كۆپەيتتى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.2 ئاشتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ بەييۈ، قەدىرىيە قالبىيات، جاۋ زەنيۈن، جارقىن دەۋلەت، دەي يانەن يېزىشقا قاتناشتى)