(2023 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(10-نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىدا 2023 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2023 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ پائال، پۇختا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكىچە قارار چىقىرىلدى:
1. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت قەرزىنى ئومۇمىي دائىرىدە تەكشۈرىدۇ ۋە پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى بىلەن دائىمىي كومىتېت مالىيە ـ ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
2. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ھازىرغا ۋە يىراق كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ ـ خەتىرىنى پائال، پۇختا تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
3. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلات، مەخسۇس دوكلات ۋە قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، سوئال سوراش ۋە سۈرۈشتۈرمە قويۇش، مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى چوڭقۇر قاتناشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خامچوتنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 3 ـ تەرەپ باھالاش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشىنى ياخشىلاش، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك پىكىر ـ تەكلىپلەرنى بېرىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ.
4. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مالىيە كىرىمى ئەھۋالىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن چۈشۈرگەن قەرز نورمىسى ئىچىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ساقلانما قەرز سەۋىيەسىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قەرزى نورمىسىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت قەرزى نورمىسىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى ياكى دائىمىي كومىتېت مالىيە ـ ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتىغا قوشۇمچە ئەۋەتىدۇ.
5. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنغان خامچوت دوكلاتى ئالدىنقى يىللىق ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىش، مەبلەغ ئىشلىتىش ۋە قايتۇرۇش، قەرز خەۋپ ـ خەتىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى، شۇ يىللىق ئېلىنغان قەرزنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىش ئورنى، قەرز قايتۇرۇش پىلانى، شۇنىڭدەك مالىيەنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
خامچوت لايىھەسى ئالدىنقى يىللىق مالىيە خامچوت لايىھەسىگە ماس كېلىشى، ئالدىنقى يىللىق ھۆكۈمەت قەرزى خامچوتىنىڭ ئىجراسىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات جەدۋىلى تۈزۈلۈشى كېرەك؛ شۇ يىللىق ھۆكۈمەت قەرزى خامچوتى كىرىم ـ چىقىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى جەدۋىلى، ھۆكۈمەت قەرزى كۆرسەتكۈچى ئەھۋالى جەدۋىلى، مەخسۇس قەرز ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى جەدۋىلى تۈزۈپ يوللىنىشى كېرەك.
6. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھۆكۈمەت قەرزى نورمىسىنىڭ تەقسىملىنىشىنىڭ، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز كۆلىمىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئادەتتىكى قەرز تۈرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلۇقى ۋە مەخسۇس قەرز تۈرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
ھۆكۈمەت قەرزى نورمىسىنى تەقسىملەشنىڭ مۇۋاپىقلىقىدا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ:
(1) گوۋۇيۈەن چۈشۈرگەن قەرز نورمىسىنىڭ ئىچىدە بولغان ـ بولمىغانلىقى؛
(2) ھەر دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مالىيە كۈچىنىڭ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ بىرتۇتاش نەزەرگە ئېلىنغان ـ ئېلىنمىغانلىقى.
يېڭىدىن كۆپەيگەن ھۆكۈمەت قەرزى نورمىسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىدا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ:
(1) قەرز مەبلىغىنىڭ سېلىنىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۇيغۇن بولغان ـ بولمىغانلىقى؛
(2) ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان ـ بولمىغانلىقى؛
(3) زۆرۈر، مۇۋاپىق، قوللىنىشچان بولغان ـ بولمىغانلىقى.
ئادەتتىكى قەرز تۈرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىقىدا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ:
(1) ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئادەتتىكى قەرز كۆلىمىنىڭ گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، مالىيە مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن قەرز نورمىسى ئىچىدە تىزگىنلەنگەن ـ تىزگىنلەنمىگەنلىكى؛
(2) ئاممىۋى مەنپەئەت تۈرلىرىگە ئىشلىتىلگەن ـ ئىشلىتىلمىگەنلىكى، رىقابەتلىك ساھەلەرگە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنىڭ بار ـ يوقلۇقى؛
(3) قەرز قايتۇرۇش پىلانى ۋە مۇقىم قەرز قايتۇرۇش مەبلەغ مەنبەسىنىڭ بار ـ يوقلۇقى؛
(4) بۇ يىللىق خامچوتنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئالدىنقى يىللىق ئادەتتىكى قەرز كۆلىمىنى ئاساس سان قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىككە قارىتىلغان يۆتكىمە چىقىم خامچوتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئەھۋالىنىڭ بار ـ يوقلۇقى.
مەخسۇس قەرز تۈرىنىڭ ئىلمىيلىكىدە، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ:
(1) ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مەخسۇس قەرز كۆلىمىنىڭ گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، مالىيە مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن قەرز نورمىسى ئىچىدە تىزگىنلەنگەن ـ تىزگىنلەنمىگەنلىكى؛
(2) بەلگىلىك پايدا ئالىدىغان ئاممىۋى مەنپەئەت تۈرلىرىگە ئىشلىتىلگەن ـ ئىشلىتىلمىگەنلىكى، قەرز مەبلىغىنىڭ سېلىنىشى مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ـ بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغان ـ بولمىغانلىقى؛
(3) تۈرنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى، مۆلچەر پايدىسى، قەرز قايتۇرۇش مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئاخىرقى قەرز قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار؛
(4) تۈر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش دەۋرىيلىكى، مەبلەغ ئېھتىياجى، تۈر ماس كېلىدىغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند كىرىمى ۋە مەخسۇس كىرىم قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ھېسابلاپ بېكىتىلگەن ـ بېكىتىلمىگەنلىكى.
7. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان ئالدىنقى يېرىم يىللىق خامچوت ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلات ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى كۆلىمىنىڭ قۇرۇلمىسى، زايوم تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش، مەبلەغنىڭ سېلىنىشى، مەبلەغ باشقۇرۇش، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش، تۈرنىڭ يۈرۈشۈشى، تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشى، قەرز خەۋپ ـ خەتىرى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلىشى كېرەك. ھەر يىلى 7 ـ ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى ياكى دائىمىي كومىتېت مالىيە ـ ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتىغا ھۆكۈمەت قەرزى مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللاپ، ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىش، مەبلەغ چۈشۈرۈش، ئىشلىتىش ۋە ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.
8. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت زايومىنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى، قەرز ئېلىش تۈرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋە مەبلەغ باشقۇرۇش ئەھۋالى، مۇھىم، زور سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدۇ.
9. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنغان خامچوت تەڭشەش لايىھەسى دوكلاتى ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە قانۇنلۇقلۇقى، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە خەۋپ ـ خەتەر ئەھۋالى، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قەرزى مەبلىغىنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىش يۆنىلىشى، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇشى، قەرز قايتۇرۇش پىلانى، شۇنىڭدەك مالىيەنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
خامچوت تەڭشەش لايىھەسىدە ئاپتونوم رايونغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئومۇمىي نورمىسى ۋە قالدۇقى، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز كۆلىمى ۋە نورمىسىنى تەقسىملەش قاتارلىق ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ نورمىسى ۋە قالدۇقى، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز كۆلىمى ۋە قۇرۇلمىسى، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك.
10. خامچوت تەڭشەشنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
11. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنغان نەق چوت دوكلاتى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قەرزى كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، ئىشلىتىلىشى، قايتۇرۇلۇشى، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمى ئەھۋالىنى، چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى، مەبلەغ باشقۇرۇش قاتارلىق باسقۇچلۇق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
نەق چوت لايىھەسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى يىللىق ھۆكۈمەت قەرزى ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى، ئادەتتىكى قەرز ۋە مەخسۇس قەرزنىڭ نورمىسى ۋە قالدۇقى، قەرز يىل چېكى، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت زايومى تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك.
12. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نەق چوت لايىھەسىنى تەكشۈرىدۇ، ھۆكۈمەت قەرزى مەبلىغىنى نەق چوتقا كىرگۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، كىرىمنى ساختا تۇرغۇزۇش، چىقىمنى يوشۇرۇش ئەھۋاللىرىنىڭ بار ـ يوقلۇقى ۋە خامچوتتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىپ، خامچوتتا تەستىقلانغان نورمىدىن سىرت يېڭى قەرز شەكىللەنگەن ـ شەكىللەنمىگەنلىكىنى، قەرز مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، ئۇزاققىچە ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش، زىيانغا ئۇچرىتىش، ئىسراپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار ـ يوقلۇقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ. ھۆكۈمەت قەرزى مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە تۈرىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، ھۆكۈمەت قەرزى كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، ئىشلىتىلىشى، قايتۇرۇلۇشى، تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى، مەخسۇس قەرز مەبلىغى تۈرىنىڭ كىرىمى، چىقىمى، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش، مۈلكى، ئۈنۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى، چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ.
13. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يوشۇرۇن قەرزنى تۈگىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، شارائىتى بار جايلارنىڭ يوشۇرۇن قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈگىتىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە تارمىقى ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە ـ ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتىغا ئالدىنقى يىللىق ھۆكۈمەت يوشۇرۇن قەرزىنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، مالىيە ـ ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.
14. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ھۆكۈمەت قەرزى مەبلىغىنى ئىشلىتىپ يولغا قويغان چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆكۈمەت خامچوتىنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدۇ. تۈرلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ـ كەلمەيدىغانلىقىنى؛ تۈر تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇمكىنلىكىنى؛ تۈر سېلىنمىسىنىڭ كۆلىمى، مەبلەغ مەنبەسى ۋە شەكىللىنىشى، مۆلچەر پايدىسى، قەرز قايتۇرۇش پىلانى قاتارلىق ئاساسلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرىدۇ. چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش داۋامىدا تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خامچوت ئۈنۈمىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتكەندە ۋە قاراپ چىققاندا، ھۆكۈمەت قەرزى مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس قەرز تۈرىنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ئۈنۈمىنى باشقۇرۇپ، مەخسۇس قەرز تۈرى مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
15. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقالغان قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىش، قەرز مەبلىغىنى ئىشلىتىش قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تولۇق تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. تولۇق تۈزەتمىگەنلەرنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىكى تەلەپ بويىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تۈزىتىش بويىچە چاقىرتىپ سۆزلىشىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن، قائىدە بويىچە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشىگە، جاۋابكارلىققا تارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. «قايتا ـ قايتا تەكشۈرسىمۇ قايتا ـ قايتا سادىر قىلىش»تەك ھۆكۈمەت قەرزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ قەرز باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
16. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپ ـ خەتەرنى باھالاش ـ سىگنال بېرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، شۇ رايوننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ ـ خەتىرىنى قەرەللىك تەھلىل قىلىپ باھالاشقا تۈرتكە بولىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قەرز كۆلىمى ۋە مالىيە كۈچى سەۋىيەسىگە ئاساسەن، قەرز خەۋپ ـ خەتىرىدىن ۋاقتىدا سىگنال بېرىشىنى، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشىنى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى، كۆرۈلگەن خەۋپ ـ خەتەرگە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ۋاقتىدا ئىشقا سېلىشىنى، مالىيەنى قايتا تەرتىپكە سېلىش شەرتىگە يەتكەن جايلاردا مالىيەنى قايتا تەرتىپكە سېلىشىنى نازارەت قىلىدۇ.
17. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەت قەرزى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سۇپىسى ياكى كۆزنەك تور بېكىتى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان خامچوت، خامچوت تەڭشەش لايىھەسى ۋە نەق چوتنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى، ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ نورمىسى ۋە قالدۇقى، قەرز مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشى، داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى تۈر سېلىنما يۆنىلىشى، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش قاتارلىق ھۆكۈمەت قەرزى ئۇچۇرلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.
18. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىش، نەتىجە قۇرۇلۇشى قىلىش، شۇ جاينىڭ مالىيە كۈچىدىن ھالقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلەرگە ۋە قەرز مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سېلىنما فوندى، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، دۆلەت كارخانىلىرى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن قەرز ئېلىش ھەرىكەتلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ئېنىقلاپ تۈزىتىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا دوكلات قىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە كېپىل بولۇش، ۋەدە بېرىش توغرىسىدا چىقارغان قارار، بېكىتمىلەرنى بايقىسا، قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشى كېرەك.
19. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە ـ ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ھۆكۈمەت قەرزى مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ياكى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرى نۇقتىلىق بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
20. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە ـ ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىسادىي تەپتىش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ـ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش ـ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتە بايقالغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
21. بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2018 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزنى باشقۇرۇش ـ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن ـ نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)