ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى
پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا ئاتلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، لېكىن بەزى رايونلار، تارماقلار ۋە كارخانىلاردا يەنىلا بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە دەل جايىدا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي مۇقىملاشتۇرۇپ، تىزگىنلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا ئاتلىنىش ئۈچۈن تىنچ، تەرتىپلىك مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون 4 ـ پەسىلدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، شۇنداقلا بۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇقتىلىق مەزگىل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بايقاش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى مەخسۇس بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تۈزەش نەتىجىلىرىنى خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. دىققەتنى «ئادەم، ئاپتوموبىل، يول، كارخانا» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىش پەسلىدىكى بىخەتەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «ئىككى ئاپتوبۇس − خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلى − يۈك ئاپتوموبىلى»نى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇلاش، چېتىش، توشۇش قاتارلىق نۇقتىلىق قىلمىشلارنى بىرلىشىپ جازالاش ـ ئاگاھلاندۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. قىش پەسلىدە قۇرۇلۇش قىلىشتىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كان بىخەتەرلىكىگە بولغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملاردىن ئىبارەت ئېغىر خەتەر مەنبەسىنى بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى خەۋپسىزلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالدىنى ئېلىپ ـ تىزگىنلەپ، قىش پەسىللىك قار ـ مۇز ساياھىتى تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ناچار ھاۋارايى، تاسادىپىي ئەھۋالدا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا، دېھقانلار ئارامگاھى، چوڭ تىپتىكى سودا ـ ساراي، تاللا بازار، ئېگىز ئىمارەت، يېمەك ـ ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، ئادەملەر زىچ توپلاشقان رايون، كونا ئولتۇراق رايونلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا قارىتا چارلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك. پەسىل خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھاۋارايىنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەر تەۋرەش، گېئوئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، زور خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، زور ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك ۋە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشتا قاراڭغۇ رايون بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلامغىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىش ئورنىغىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كونكرېت ئادەمگىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەۋپ ـ خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتى بويىچە باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، ليۇ شىنجيەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.