ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ جاي ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

2023-12-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى 2023 - يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى قوللاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، بۇ ئۈچ جاي مەركەز مالىيەسىنىڭ جەمئىي 75 مىليون يۈەن مۇكاپاتلىق ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىگە ئېرىشكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پۇل مۇئامىلە خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى پەرھات ئەخمەت مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى قوللاش سىياسىتىدە ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، مالىيەنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى ئۈنۈملۈك ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز مالىيەسى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى ئارقىلىق مۇكاپاتلىق ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى قوللايدىكەن. مۇكاپاتلىق ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى ئۈلگە رايونى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنى قوللاش قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنى قوللاش قەرز پۇل خەۋپ - خەتەر تولۇقلىمىسى ھەمدە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا چېتىلىدىغان كەسىپلەردىكى ھەقنى تۆۋەنلىتىش مۇكاپاتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى، كاپىتال مەبلىغى تولۇقلىمىسى، خەۋپ - خەتەر تولۇقلىمىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىدىكەن.

مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى قوللاش مۇكاپاتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ يىل 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە باھالاش قائىدىسىنى بېكىتىپ، 2023 - يىلى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى باھالاش خىزمىتىنى تاماملىدى ھەم مالىيە مىنىستىرلىقىغا يوللىدى.

ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى باھالاشتىكى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى ھەم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت خاراكتېرلىك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى ھەم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى قاتارلىق ئون تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەرھات ئەخمەت مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا تاللانغان ئۈچ جاي مالىيەنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى ئۈنۈملۈك ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.