شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى توك ئىشلىتىش مىقدارى 311 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.67 ئاشقان. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 248 مىليارد 494 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.61 ئاشقان. ئىككى گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 9 مىليارد 340 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.73 ئاشتى. ساياھەتكە ئالاقىدار كەسىپلەردىكى خېرىدار سانى 562 مىڭ 500گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.68 ئاشتى. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ساياھەتچىلىك كەسپىدە «ئاۋات پەسىل ۋاقتى ئۇزىراش، سۇس پەسىلدە سۇسلاشماسلىق»تەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولغان.
ئالدىنقى ئون ئايدا، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دا ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 84 مىليارد 590 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.43 ئېشىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ %34.04ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان كەسىپلەردە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 14 مىليارد 740 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.3 ئاشتى؛ توقۇمىچىلىق كەسپىدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 5 مىليارد 231 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.41 ئاشتى، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلاردا ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.93 ئاشتى. سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش رولى بارغانسېرى زورايدى.
شىنجاڭدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسىم توك ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى داۋاملىق مۇقىم ئاشتى. ئالدىنقى ئون ئايدا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئاۋۋال تۇراقلىق داۋالغۇپ، ئاندىن تېز ئېشىش يۈزلىنىشى نامايان بولدى، 10 - ئاي بىر ئايدىلا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.8 ئاشتى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 106 مىليارد 72 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى توك چىقىرىش كارخانىلىرى ئۈچۈن 27 مىليارد 644 مىليون يۈەن پايدا ياراتقان، توك يەتكۈزۈلگەن رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 1 تىرىليون 425 مىليارد يۈەن بولۇشىغا تىرەك بولغان.
بۇ يىلدىن بۇيان، يېشىل سەپەرگە چىقىش تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭنىڭ ئاخىرقى ئۇچ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلاندى، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى توك قاچىلاش - ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ توك قاچىلاش مىقدارى 212 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.73 ئېشىپ، 153 مىڭ 100 توننا كاربون ئاز قويۇپ بېرىلدى.