شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى باش كاتىپلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش، مەسلىھەتچى - ياردەمچى بولۇش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى بەنگۇڭتىڭى(ئىشخانىسى) خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بەنگۇڭتىڭ(ئىشخانا) خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى(خىزمەت كومىتېتى) پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا دادىل نەتىجە يارىتىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئورگاننىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.
بىر قىسىم ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى(خىزمەت كومىتېتى)نىڭ باش كاتىپلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.